بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا قانداق كۈتۈشكېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىدىن خەۋەر ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ياخشى ئىشلەش:
1. ئىچ سۈرگەندە تاماقنى چەكلىمەسلىك. ئىچى سۈرگەندە داۋاملىق ئانا سۈتى بېرىش بىلەن بىللە بوۋاققا يەنە سۇيۇق - سەلەڭ، كراخمال تۈرىدىكى مەسىلەن: يۇمشاق چۆپ، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، تۇخۇم، گۆش قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. ئىچ سۈرۈش سەل پەسەيگەندىن كېيىن بالىغا مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى، تۇخۇم قاتارلىقلارنى قوشۇپ بېرىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش.
2. ئىچ سۈرگەندە سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش. بوۋاققا كۆپرەك سۇ ئىچۈرۈش ياكى بوۋاققا شېكەرلىك تۈز سۈيى، سۇس تۇز سۈيى قاتارلىقلارنى ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم بېرىپ سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
3. ئىسسىقلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش. ئىچى سۈرگەندە قورساق قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىپ، لۆڭگە ياكى گرېلكا بىلەن قورساق قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بوۋاقنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇش، تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن كاسا قىسمىنى پاكىز يۇيۇپ كاسا قىزىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەگەر ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولۇپ، قۇسۇش، قىزىش، كۆز ئۇۋىسى، مېڭە لىپىلدىقى ئولتۇرۇشۇش، كالپۇكى قۇرۇش، سۈيدۈك ئاز بولۇش بىللە كەلسە سۇسىزلىنىش كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ياكى ئۆيدە ئىككى - ئۈچ كۈن داۋالاپمۇ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولماسلىقنىڭ ھەممىسىدە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاش كېرەك.