UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ كەمچىللىكى يوقمۇ؟

ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ كەمچىللىكى يوقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى كۆپ، بىراق ئۇنىڭ بىر كەمچىللىكى بار. ئۇ بولسىمۇ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا <كېچىكىپ بايقاش خاراكتېرلىك ۋىتامىن K كەملىك كېسىلى> بولىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن K كالا سۈتىدىكىدىن تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 مىللىلىتىر ئانا سۈتى تەركىبىدە ۋىتامىن K 15 مىللىگرام بولىدۇ. بىراق ھەر 100 مىللىلىتىر كالا سۈتى تەركىبىدە 100 مىللىگرام ۋىتامىن K بولىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن K بىلەن كالا سۈتىدىكى ۋىتامىن K نىڭ پەرقى بولىدۇ. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ۋىتامىن K نى بىرىكتۈرۈپ، ئادەم تېنىگە ئىشلىتىدۇ. بىراق ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ تېنىدىكى چوڭ ئۈچەي باكتېرىيىسى ئاز بولۇپ، بىرىكتۈرگەن ۋىتامىن K مۇ ئاز بولىدۇ. شۇڭا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا ۋىتامىن K كەمچىللىكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا 15 - 20 ھەسسە كەم بولۇش ئېھتىماللىقى بار. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ۋىتامىن K نىڭ كەملىكى روشەن بىلىنمەيدۇ. بالىنىڭ ئىچى سۈرگەندە ياكى ئىممۇنىتېت ئوكۇلىنى ئىشلەتكەندە، ئۈچەيدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ئازلاپ، ۋىتامىن K نىڭ كەمچىل بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە