UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچىشى ياچىۋەك <ئېرى> نى راستتىنلا يەۋېتەمدۇ؟

چىشى ياچىۋەك <ئېرى> نى راستتىنلا يەۋېتەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياچىۋەك تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن كىتابلاردا، چىشى ياچىۋەك ئەركەك ياچىۋەك بىلەن جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆرۈلۈپلا <ئېرى> نى بوينىدىنلا يەۋېتىدۇ دەپ، يېزىلغان. ئەركەك ياچىۋەكنىڭ تەقدىرى راستتىنلا شۇنداق پاجىئەلىكمۇ؟ 1984 - يىلى گېرمانىيىنىڭ دېۋىس ئىسىملىك بىر ئالىمى 19 جۈپ ياچىۋەكنىڭ جۈپلىشىش جەريانىنى تېلېكامېرا ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىپ شۇنى بايقىغانكى، بىرەر ئەركەك ياچىۋەكمۇ جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن چىشى ياچىۋەككە يەم بولمىغان. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن چىشى ياچىۋەك ئەركەك ياچىۋەكنى يەۋېتىدۇ دېگەن گەپ تارقىلىپ يۈرىدۇ؟ ئەسلىدە، ⅨⅩ ئەسىردە ياشىغان فابۇل ئىسىملىك بىر ئاتاقلىق ھاشاراتشۇناس يازغان <ھاشارات خاتىرىلىرى> دېگەن ئەسىرىدە، چىشى ياچىۋەك جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەركەك ياچىۋەكنى يەۋەتكەنلىك جەريانىنى تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلىگەنىكەن. شۇڭا بۇ گەپ شۇ چاغدىن باشلاپ تارقىلىپ كەلگەنىكەن. ھازىر كۆپ ساندىكى ھاشاراتشۇناسلار مۇنداق دەپ قارايدىغان بولدى: نورمال ئەھۋالدا، چىشى ياچىۋەك جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، <ئېرى> نى يەۋەتمەيدۇ، لېكىن ئوزۇقلۇق ناھايىتى قىس ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، چىشى ياچىۋەك جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، تۇخۇملىغاندا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئەركەك ياچىۋەكنى يەپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ھاشاراتلار قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن، قاسىرىقىنى يەۋەتكەنلىكى بىلەن ئوخشاش ئىش.
← بارلىق تېمىلار نەمە
چىشى ياچىۋەك <ئېرى> نى راستتىنلا يەۋېتەمدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki