UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيۆتەلنىڭ زىققە كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى دېگەن نېمە؟

يۆتەلنىڭ زىققە كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يۆتەلنىڭ زىققە كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى دېگىنىمىز، يەنە زىيادە سېزىمچانلىققا ئىگە يۆتەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: 1. بالىلارنىڭ يۆتىلىشى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدۇ ياكى قايتا قوزغالغاندىكى ۋاقىت بىر ئايدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دائىم كېچىدە ياكى سەھەردە (تۇيۇقسىز) يۆتىلىپ كېتىدۇ، بەلغەم ئاز بولىدۇ، بىرەر ھەرىكەتتىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. 2. بالىلاردا قىزىش، چۈشكۈنلىشىش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىپ كېتىش قاتارلىق يۇقۇملۇق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ. 3. كانايچىنى كېڭەيتىپ، داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كېيىن يۆتەل بىر ئاز پەسىيىدۇ، بۇ بىمارغا توغرا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسىي شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى بولسا، زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە