UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ھۆل ئۆپكە دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ھۆل ئۆپكە دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ھۆل ئۆپكە ئاي ـ كۈنى توشقان بوۋاقلار ياكى قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ھامىلە ئۆپكىسى سۇيۇقلۇق بىلەن تولغان بولۇپ، تۇغۇت يولىدىن ئۆتكەندە كۆپ مىقداردىكى سۇ سىقىلىشتىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، ئېشىپ قالغان سۇيۇقلۇق لىمفا كانىلى ياكى ۋېنادىن ئېقىش جەريانىدا سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆپكىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى كەينىگە سۈرۈلۈش ياكى قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرغان ھامىلىنىڭ كۆكرەك قەپىسى سىقىلىشقا ئۇچرىمىغانلىقتىن سۇيۇقلۇق ۋاقىتلىق ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە ساقلىنىپ قېلىپ ھۆل ئۆپكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاساسلىق كلىنىكىلىق ئىپادىسى نەپەس تېزلىشىش، يېنىك دەرىجىدە كۆكىرىش بولۇپ، لېكىن ئېنىق بولغان نەپەس قىيىنلىشىش بولمايدۇ. ئوكسىگېن سۈمۈرگەندىن كېيىن كۆكىرىش يوقايدۇ. كۆكرەكنى X نۇردا تەكشۈرگەندە، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە سۇ يىغىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ئادەتتە 24 سائەت ئىچىدە كلىنىكىلىق ۋە كۆكرەكنى X نۇردا تەكشۈرگەندە ئومۇمەن يېنىكلىگەنلىك ياكى يوقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەۋەر ئېلىشنى كۈچەيتىشتىن سىرت ئالاھىدە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما ئايرىم ئالامىتى ئېغىرراق بولغان بالىلاردا رېفلېكس ناچارلىق، كۆكىرىش روشەن بولۇش، نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك ئىڭراش ياكى تىت - تىتلىق قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ ھەمدە تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى، نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، مېتابولىزم خاراكتېرلىك ئىشقاردىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاكتىپ ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، ئالامەتكە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش ۋە گىرىپتار بولغۇچى بالىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ھۆل ئۆپكە دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki