بالا ئېمىۋاتقان مەزگىلدە ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى بىرەر نەرسىگە تېگىپ كەتسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەك ۋە ئەمچەك توپچىسى ئىنسانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇن، جىنسىي تۇرمۇشتا دادا مۇھەببەت بىلەن ئەمچەكنى سىيلايدۇ. ئەمچەك توپچىسىنى شورايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىككىلا تەرەپ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ لەززىتىگە چۆمىدۇ. بىراق، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانىنىڭ ئەمچىكى بالىنى ئېمىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ ۋاقىتتا دادا چوقۇم بالىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى بەزى بالىلار دادىنىڭ ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىدا قالدۇرغان پۇراققا ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئانىسىنى ئېمىشنى رەت قىلىپ، ئانىسىنى ئامالسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، سۈت شورىغۇچى ئەسۋاب بىلەن سۈت چىقىرىپ، ۋاقىتلىق بالىنى ئېمىزگۈ بىلەن ئېمىتىش شۇنداقلا ئەمچەكنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى جىنسىي پائالىيەتتە دادىنىڭ دىققىتىنى باشقا ئورۇنلارغا بۇراش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، دادىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا نۇرغۇنلىغان باكتېرىيىلەر بولۇپ، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىدىكى سۈت بەزلىرى ئېچىلىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارغا باكتېرىيىلەر قوشۇلۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ۋاقىتتىكى جىنسىي تۇرمۇشتا دادا ھەرگىز ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شورىماسلىق كېرەك.