UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتېلېۋىزىيە نومۇرلىرى قانداق تارقىتىلىدۇ؟

تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى قانداق تارقىتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى ئادەتتە ئىستانسا ئىچىدە ئورۇنداپ تارقىتىش، نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش، كىنو قويۇش، سىئالغۇ فىلىملىرىنى قويۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلدە تارقىتىىدۇ. ئىستانسا ئىچىدە ئورۇنداپ تارقىتىش - تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش بۆلۈمىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تارقىتىش بۆلۈمىدە مىكروفون ۋە تېلېكامېرا ئارقىلىق ئورۇندالغان ئاۋاز ۋە سۈرەتلەر ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كۈچەيتىلگەندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش ماشىنىسى ۋە ئانتېنناسى ئارقىلىق ئېلېكتر سىگنالى رادىئو دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇلۇپ تارقىتىلىدۇ. ئادەتتە، بىر نەچچە تېلېكامېرا تەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ھەر بىر تېلېكامېرا ئوخشاشمىغان ئورۇندا تۇرۇپ سۈرەتكە ئالىدۇ، سۈرەتلەر رېژىسسورنىڭ تەھرىرلىكىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تارقىتىلىدۇ. پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش بەزى نومۇرلارنى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش بۆلۈمىدە ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. ئۇنى پەقەت نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتقىلى بولىدۇ. نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتقاندا، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئۇلاپ تارقىتىش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ، ماشىنىغا زۆرۈر بولغان ئۇلاپ تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، رېژىسسور دەل ئاشۇ ماشىنىنىڭ ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا، تېلېكامېراغا ئالغۇچى ئۇلار تارقىتىش نەق مەيدانىدا تۇرۇپ سۈرەتلەرنى تېلېكامېراغا ئالىدۇ، سۈرەت سىگنالى ئاۋۋال ئېلېكتر كابېلى ئارقىلىق ئۇلاپ تارقىتىش ماشىنىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. رېژىسسور سۈرەتلەرنى تاللىغاندىن كېيىن، مىكرو دولقۇن ئارقىلىق سىگناللارنى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىغا يوللايدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانىسى يوللانغان سىگناللارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق تارقىتىدۇ. كىنو قويغاندا، كىنو قويۇش ئاپپاراتى قويۇپ چىقارغان سۇرەتلەر ئوپتېكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە كامېرا تۇربىسىغا كىرگۈزۈلۈپ ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن تارقىتىلىدۇ. سىنئالغۇ فىلىملىرىنى قويۇشتا، ۋاقتىنچە قويۇلمايدىغان بەزى نومۇرلار سىئالغۇ ئاپپاراتى ئارقىلىق لېنتىغا كۆچۈرۈۋېلىنىدۇ، قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى قانداق تارقىتىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki