دېزىنفېكسىيە ساندۇقى قاچا - قۇچىلارنى قانداق دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قاچا - قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ. ئادەتتە پاكىز قاچا - قۇچىلارنى سۇغا سېلىپ قاينىتىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاچا - قۇچىلاردىكى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۆلىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇسۇل بەك ئاۋارىچىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇلياۋ ياكى ئەينەكتىن ياسالغان قاچا - قۇچىلارغا باب كەلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا شەكلى ساندۇقنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولدى.
دېزىنفېكسىيە ساندۇقى ئادەتتە ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، يۇقىرى قەۋىتىدە بىر گۇرۇپپا ئېلېكترونلۇق بېسىم ئۆرلىتىش توك يولى بولۇپ 6000 ۋولت يۇقىرى بېسىم پەيدا قىلىپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېننى ئىئونلاپ، ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىغان ئوزۇن ھاسىل قىلىدۇ. ئوزۇن بىر خىل كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى بولۇپ، ئوكسىگېن بىلەن بىر جۈپ <ئاچا - سىڭىل> دۇر. بىر ئوكسىگېن مولېكۇلىسىدا ئىككى ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ. بىر ئوزۇن مولېكۇلىسىدا بولسا ئۈچ ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ. ئوزۇن ئىنتايىن مۇقىمسىز، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا بىر ئوكسىگېن ئاتومى ئايرىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئوكسىگېنغا ئايلاندۇرىدۇ. يەككە ئوكسىگېن ئاتومى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسىغا يولۇقسا، دەرھال ئۇلارنىڭ ھۈجەيرىسى ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئۆلتۈرىدۇ.
دېزىنفېكسىيە ساندۇقىنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدە ئەنئەنىۋى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ساندۇق ئىچىدە بىر گۇرۇپپا يىراق ئىنفرا ئىسسىقلىق چىقىرىش دېتالى بار. توك ئۆتكەندىن كېيىن ساندۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، قاچا - قۇچىلارنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئۈستىدىكى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.
سىز دېزىنفېكسىيە ساندۇقىنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، قاچا - قۇچىلارنى دېزىنفېكسىە قىلغاندا قاچا - قۇچىنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسەن باب كېلىدىغان دېزىفېكسىيە ئۇسۇلىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.