UyghurWiki›نەمە›ھامىلىدار ئاياللار B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتسە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ھامىلىدار ئاياللار B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتسە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولسا، بىرخىل كىلىنكىلىق داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب بولۇپ، تۇغۇت بۆلۈمىدە دائىم ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بالا ھەمراھى قاتارلىقلارغا دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بولسا، تەكشۈرگۈچىگە نىسبەتەن زىيانسىز بولغان تەكشۈرۈش دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ × نۇرى، يادرو ماگنىتلىق رىزونانس قاتارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قانداقلا بولمىسۇن، بىرخىل ئېنېرگىيە شەكلى بولۇپ، بەلگىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن ۋاقىتتا، تەكشۈرگۈچىنىڭ بەدىنىدە بىئولوگىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. پەيدا بولغان بۇ خىل بىئولوگىيىلىك تەسىرلەر ئاساسىي قىسىملاردىكى ھۈجەيرىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى كۆپلىگەن ئەزالار ئىچىدە، بىرقانچە ھۈجەيرىنىڭ زەخىملىنىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس، بىراق كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ياكى يېتىلىش مەزگىلىدىكى ھامىلە زەخىملەنسە، ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، دەسلەپكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇغۇت بۆلۈمىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتسە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىرى بولىدىكەن. ئەكسىچە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىلىدە تەكشۈرتسە ناچار تەسىرى بولمايدىكەن. شۇڭا، دەسلەپكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.