تارىختاقايسى ھايۋانلار ئۇرۇشقا قاتناشتۇرلغان؟
نېمە ئۈچۈن
ئۇرۇش گەرچە ئىنسانلارنىڭ قارشىلىشىش ھەرىكىتى بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ھايۋانلار ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان ھەم جەڭلەردە كۆرۈنەرلىك <خىزمەت> كۆرسەتكەن.
كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا ئاتنى كۆندۈرۈپ جەڭ جاسارەت كۆرسەتكەن، كەپتەرنى كۆندۈرۈپ ئاخبارات يەتكۈزگەن. قەدىمكى ھىندىستانلىقلار پىل ۋە كەركىدانلارنى ھەيدەپ كېلىپ پوزىتسىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان، چۈنكى بۇ ھايۋانلار ئىتايىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى تېرىسىنىڭ قېلىن ھەم چىڭلىقى بىلەن قىلىچ - نەۇيزىلەرگە تاقابىل تۇرغان. ئىلىمىزنىڭ يېغىلىق دەۋرىدە، كىشىلەر كالىنىڭ بېشىغا شەمشەر تېڭىپ، ئاندىن كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوت ياققان، شۇنىڭ بىلەن ئۈركىگەن كالا پادىسى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، قورغانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى خانىۋەيران قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، شىر، ئۆچكە، مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارمۇ ئۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرغان.
ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدىمۇ ھايۋانلارنىڭ رولىنى ئوخشاشلا سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئەڭ داڭلىق بولغىنى شۇكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى مەخسۇس ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرىغا تاقابىل تۇرغان. بۇ ھەربىي ئاپشاركىلار ئەسلىدە يۈگۈرۈك تايغانلار بولۇپ، مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق گۈمبۈرلەپ زەمبىرەك ئېتىلىپ تۇرۇۋاتقان جەڭ مەيدانىغا تەدرىجىي ماسلاشتۇرۇلغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى بۇ ھەربىي ئاپشاركىلارنى ھەمىشە ئاچ قويۇپ، ئاندىن يېمەكلىكنى تانكىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئۇلاردا تانكىنىڭ ئاستىدىن يېمەكلىك ئىزەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. دۈمبىسىگە كۈچلۈك پارتىلاتقۇچ دورا تېڭىلغان بۇ ھەربىي ئاپشاركىلار جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكىسىنى كۆرۈشى بىلەنلا <ئۆزىنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي> ئېتىلىپ بېرىپ، تانكىنىڭ ئاستىغا كىرگەن. كۈچلۈك پارتلاتقۇچ دورىنىڭ <گۇمباڭ> قىلىپ پارتىلىشى بىلەن تەڭ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دۆۋە كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، بۇ پەۋقۇلئاددە تانكىغا قارشى قىسىم گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 300 دىن ئارتۇق تانكىسىنى پارتىلىتىۋەتكەن!