UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆردەك نېمە ئۈچۈن قىشتا سوغۇق سۇدىن قورقمايدۇ؟

ئۆردەك نېمە ئۈچۈن قىشتا سوغۇق سۇدىن قورقمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىزس دائىم ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە كۆللەردە غاقىلىدىشىپ ئەركىن ئۈزۈپ، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتقان ئۆردەكلەرنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلار قىش كۈنلىرىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق خۇشال ئۈزۈپ ئوينايدۇ. ئۆردەك نېمە ئۈچۈن قىشتا سوغۇق سۇدىن قورقمايدۇ؟ ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئۆردەكنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 42 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەم بەدىنى تېمپېراتۇرىسىدىن بەش - ئالتە سېلسىيە گرادۇس يۇقىرى بولىدىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۆردەك سوغۇق سۇدا ئۇزۇن تۇرسىمۇ، زادىلا توڭلىمايدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە، ئۆردەكنىڭ پاچىقى ياكى سەكرەش بوغۇمىنىڭ ئىچىدىكى يىلىك بىر قەدە سۇيۇق بولۇپ، سەكرەش بوغۇمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن ھالەتتىمۇ يىلىك قېتىشىپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۆردەك مۇزدەك سوغۇق سۇدا تۇرغاندىمۇ پۇتىدىكى سۇيۇقلۇق ئايلىنىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ پۇتى تەبىئىي ھالدا سوغۇقتىن قورقمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆردەكنىڭ كۆپ ۋاقتى سۇدا ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىدا سۇدا ياشاشقا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار. مەسىلەن، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇنداقلا ئىچكى ئەزالىرىنى ماي قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ. قۇيرۇق قىسمىدا بولسا بىر جۈپ تەرەققىي قىلغان ماي بېزى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماي ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئادەتتە، ئۆردەك دائىم كەڭ ئېغىزى بىلەن قۇيرۇقىنى چوقۇپ ماينى سىقىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇنى پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرىگە سۈركەپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ بەدىنى بىر قەۋەت ماي بىلەن قاپلىنىپ، بەدىنىگە ئوڭايلىقچە سۇ يۇقمايدۇ. يۇقىرىقى پاكىتلاردىن ئۆردەكنىڭ نېمە ئۈچۈن قىش كۈنلىرىمۇ سوغۇق سۇدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئۆردەك نېمە ئۈچۈن قىشتا سوغۇق سۇدىن قورقمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki