UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر - ئىككى ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشتە قانداق مۇھىم نۇقتىلار بار؟

بىر - ئىككى ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشتە قانداق مۇھىم نۇقتىلار بار؟

نېمە ئۈچۈن بىر - ئىككى ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: 1. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ بەدەن ساپاسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كۈن نۇرى مۇنچىسى ۋە ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن چوقۇم تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك. 2. كىيىم كىيدۈرۈش جەھەتتە، بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭكىدىن بىر ئاز كېڭەيگەنلىكتىن بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى كەڭ - كۇشادە كىيىملەرگە ئۆزگەرتىش. ئۈستى ۋە ئاستى ئايرىم ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش، ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 20℃ ئەتراپىدا بولسا كەچتە ئۇخلىغاندا كالتە يەڭ مايكا، كۇسار كىيدۈرۈپ قويۇپ، بوۋاقنى تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. 3. تازىلىق جەھەتتە، ئۇستىرا بىلەن بوۋاقنىڭ چېچىنى ئالماسلىق، ئەگەر چېچى ئۆسۈپ كەتسە قايچا بىلەن كېسىپ قىسقارتىپ قويسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە