UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن يوتقان يىغىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن يوتقان يىغىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەتىگەندە، بىر مۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يوتقان يىغىش، ئاندىن چىش چوتكىلاش، يۈز يۇيۇش ۋە تاماق يېيىش، دەپ تەربىيە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ساغلاملىققا تولىمۇ زىيانلىق. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەم تېنىنىڭ ئۆزى بىر قەدەر چوڭ بولغان بۇلغىنىش مەنبەسى. بىر نەچچە سائەت ئۇخلاش داۋامىدا، ئادەم بەدىنى نەپەس ئېلىش رولى ۋە بەدەندىكى تۈك تۆشۈكلىرى ئارقىلىق سىرتقا زور مىقداردا سۇ چىقىرىپ، يوتقاننى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نەملەشتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلىغاندا يەنە ھەر خىل پۇراقلارنى، مەسىلەن، پۇتنىڭ پۇرىقى، ئوسۇرۇق ۋە تەر پۇرىقى قاتارلىق پۇراقلارنى چىقىرىدۇ. يوتقان مۇشۇ نەملىك ۋە پۇراقلارنى سىڭدۈرۈۋالىدۇ، ئۇنى چىقىرىۋەتمىسە، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان يىغسا، يوتقان نەملىشىپ، ئىسسىقى قالمايدۇ. بۇ يوتقاننىڭ ئۆمرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يوتقاندا قېپقالغان پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زىيانلىق. ئىلمىي ئۇسۇل مۇنداق: ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن يوتقاننى ئۆرۈپ ھاۋاغا سېلىش، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ، يوتقاندىكى نەملىك ۋە پۇراقنى تارقىتىۋېتىش كېرەك. چىشنى چوتكىلاپ، يۈزنى يۇيۇپ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يوتقاننى يىغىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، يوتقان، كارىۋات ياپقۇچ، كۆرپىلەرنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ، نەملىك ۋە پۇراقنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا چىقىرىۋېتىش، قۇياشنىڭ بىنەپشە نۇرىدا مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە