UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىت نېمە ئۈچۈن دائىم تىلنى چىقىرىۋالىدۇ؟

ئىت نېمە ئۈچۈن دائىم تىلنى چىقىرىۋالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ھايۋان، شۇنداقلا بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ھايۋان. بىز دائىم ئىتنىڭ يۈگۈرگەن چاغدا ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تومۇز ئىسسىقتا ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ تىلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ئەھۋالدا مۇقىم بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتسە، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەزالىرى ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، بەدن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار ئاغرىپ قالىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئادەم ۋە نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنىڭ يۈزىدە تەر بەزلىرى بولىدۇ. تەر بەزلىرى تەر ئاجىرىتىپ چىقارغاندا، بەدەندىكى ئارتۇق ئىسسىقلىقنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، زوئولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىتنىڭ بەدەن يۈزىدە تەر بەزلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ تەر بېزىنىڭ تىلىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى، ئىتلار نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، تىلىنى چىقىرىۋېلىپ، تىلىدىكى تەر بەزلىرى ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تېز سۈرئەتتە سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ. ئىت تىلىنى يازدىلا چىقىرىۋالماستىن، بەلكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يۈگۈرۈپ ھېرىپ قالغاندا ۋە ئىسسىپ كەتكەندىمۇ، تىلىنى چىقىرىۋېلىپ، بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىدۇ. ھايۋانات دۇنياسىدا، باشقا ھايۋانلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇ ئىسسىقلىقنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇللىرى بار. ئالايلۇق، پىل قۇلقىنى پۇلاڭلىتىش ئارقىلىق ھاۋانى تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى ئىنچىكە تومۇرلاردا ئېقىۋاتقان قاننىڭ تېمپىراتۇرىسى ھاۋانىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى بىلەن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە