UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنىڭ كېچىدىكى يىغىسىنىڭ پاتولوگىيىلىك ئامىللىرى قايسىلار؟

بوۋاقنىڭ كېچىدىكى يىغىسىنىڭ پاتولوگىيىلىك ئامىللىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ كېچىدىكى يىغىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاتولوگىيىلىك ئامىللاردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر بار: 1. زۇكامداش. بۇ بوۋاقلارنىڭ كېچىدە يىغلىشىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەب. زۇكامدىغاندا بۇرۇن بوشلۇقى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىدە ئۇخلىغاندا بوۋاق نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش ھېس قىلىپ يىغلايدۇ. 2. راخىت كېسىلى. ۋىتامىن D كەملىكتىن كېلىپ چىققان راخىت كېسىلى، ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي ئەتراپىدا كېسەللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىلىرىدىن تىت - تىت بولۇش، قاتتىق ئۇخلىيالماسلىق، ئاسانلا چۆچۈپ كېتىش، دائىم كېچىسى يىغلاش قاتارلىقلار. 3. ئۈچەي سپازمىسى. يېمەكلىكنى بەك كۆپ بېرىش ياكى كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ قوبۇل قىلىشتىن، ئۈچەي يەللىك كۆپۈش، ئۈچەي سپازمىسى ۋە ئۈچەي ھەرىكىتى كۈچىيىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار كېچىدە ئۇخلاۋېتىپ تۇيۇقسىز يىغلايدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن دومىلاش، ئىككى پۇتىنى تۈگۈۋېلىش، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر تەڭ كېلىدۇ. ئەگەر قول بىلەن قورساقنى ئۇۋۇلىغاندا يىغىسى ۋاقىتلىق توختايدۇ، تەرەت قىلغاندا، يەل ماڭغاندا ئاغرىق پەسىيىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغىسىمۇ توختايدۇ. 4. تۈتۈ مەددە (چۈچۈك) كېسىلى. تۈتۈ مەددە بوۋاقلارنىڭ ئۈچىيىدە پارازىتلىق ياشاپ، كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا دائىم مەقئەتنىڭ سىرتىغا ئۆمىلەپ چىقىپ، مەقئەت ئەتراپىغا تۇخۇم تۇغۇپ، بوۋاقتا بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بوۋاقلار كېچىدە ئۇخلاپ بىر ئىككى سائەتتىلا يىغلاشقا باشلاپ توختىمايدۇ ھەم قولى بىلەن مەقئەتنى تاتىلايدۇ. ئەلۋەتتە، بوۋاقنىڭ كېچىدە يىغلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بوۋاق كېچىدە يىغلىغاندا ئەگەر ئاۋازى ئىنچىكە بولسا ھەم قىزىش، قۇسۇش، چىلىق - چىلىق تەرلەش، سۈت ئەممەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كەلسە، كۆپىنچىسى ئاغرىپ قالغانلىقتىن بولغان بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە