نېمە ئۈچۈن قوناق ئېتىلدۇمىسىنى كۆپ يېسە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قوناق ئېتىلدۇرمىسى چۈرۈش، تەملىك بولغاچقا، ئۇنى بالىلارلا ئەمەس، ھەتتا چوڭلارمۇ ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. ئەمما قوناق ئېتىلدۇرمىسى مەززىلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ.
قوناق ئېتىلدۇرمىسىنى ئىشلەشتە تېمپېراتۇرا ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغان بولغاچقا، قاچىدىكى ئاليۇمىن زور مىقداردا ئېتىلدۇرمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. دۆلەتنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولغاندا، ھەر 1000 گرام پىرەنىك تۈرىدىكى يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاليۇمىننىڭ مىقدارى 0.5 مىللىگرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ ھەر 1000 گرام قوناق ئېتىلدۇرمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاليۇمىن مىقدارى ئون مىللىگرام چىقىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بالىلار (چوڭلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوناق ئېتىلدۇرمىسىنى كۆپ يېسە، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھەددىدىن ئارتۇق ئاليۇمىن يەۋالىدۇ ۋە ئاليۇمىن بىلەن زەھەرلىنىدۇ. بۇنىڭدا كېسەللىك ئالامىتى مۇنداق بولىدۇ: تىت - تىت بولىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ ياكى ئىچى قېتىپ قالىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن باشقا، بالىلار ئاليۇمىن بىلەن زەھەرلەنسە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلىىشش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلىشىشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؛ چوڭلاردا قېرىشنى تېزلىتىش، سۆڭەكلىرى بوشىشىپ كېتىش ۋە ئىنكاس تېز بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ ھۈنەر - سەنئىتىنى ياخشىلاپ، ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، قوناق ئېتىلدۇرمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاليۇمىن مىقدارىنى ئازايتىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەك. ساغلاملىققا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بالىلار ياكى چوڭلار ئەڭ ياخشىسى قوناق ئېتىلدۇرمىسىنى يېمەسلىكى كېرەك.