UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇغۇتتىن بۇرۇنقى <دوۋن سندرومى كېسەللىكى> قانداق پەيدا بولىدۇ؟

تۇغۇتتىن بۇرۇنقى <دوۋن سندرومى كېسەللىكى> قانداق پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دوۋن سندرومى كېسەللىكى< ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان خروموزومىنىڭ نورمالسىزلىق كېسىلى بولۇپ، تەخمىنەن يېڭى تۇغۇلغان بەش - ئالتە يۈز بوۋاقنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ خروموزومالىرى ئىچىدە بىرخىل خروموزوما (21 - نومۇرلۇق خروموزوما) كۆپىيىپ كېتىدۇ. دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىن ئېغىر دەرىجىگىچە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە تۇغما يۈرەك كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بەش ئەزانىڭ يېتىلىشىدىمۇ نورمالسىزلىق بولۇپ، ئىككى قولى >قىسقا< بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق نورمالسىزلىقنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، يەنى ئۆسۈپ - يېتىلىشى كېيىن بولۇپ، ئۈچەي يولى توسالغۇغا ئۇچراش، بوينىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى تېرىسى قېلىن ۋە پۈرۈم - پۈرۈم بولۇش، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە پۇت - قوللىرى كىچىك بولۇش قاتارلىقلار. بىراق، بۇرۇنقىدەكلا يېرىمىدىن كۆپرەك دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىلەر، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندىمۇ بايقالماسلىقى مۇمكىن. ھامىلىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ توغرا ئۇسۇل >باش سۈيىنى تېشىش< ئۇسۇلى ياكى >كىندىك ۋېناسىنى تېشىش< ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھۈجەيرىدىكى خروموزومىغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئازراق خەتەرلىك (3% ئەتراپىدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ) شۇنداقلا تەكشۈرتۈش ھەققىمۇ بەك قىممەت. ھەربىر ھامىلىدار ئايال بۇ خىل تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بارالىشى ناتايىن، ئىلگىرى پەقەت ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەن ھامىلىدار ئاياللارغا دوختۇر مۇشۇنداق قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، يېقىندا ئانا قېنىنى خىمىيىۋى ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ، دوۋن سندرومى كېسەللىكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى پەيدا بولدى. ئانا قېنىنى ئېلىپ قالغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىنى، خەتەرلىك نىسبىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلە بولۇپ قالسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا >تېشىش ئوپېراتسىيىسى< قىلىپ، باش سۈيىدىكى ياكى ھۈجەيرىسىدىكى خروموزومانى تەكشۈرۈپ، ھامىلىنىڭ دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۇغۇتتىن بۇرۇنقى <دوۋن سندرومى كېسەللىكى> قانداق پەيدا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki