UyghurWiki
UyghurWikiنەمەفاكس ئاپپاراتى نېمە ئۈچۈن يېزىق ۋە سۈرەت يوللىيالايدۇ؟

فاكس ئاپپاراتى نېمە ئۈچۈن يېزىق ۋە سۈرەت يوللىيالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە مەلۇم، فاكس ئاپپاراتى تېلېفون يولى ئارقىلىق يېزىق، سۈرەت، جەدۋەل قاتارلىق ماتېرىياللارنى يوللىيالايدۇ، قارشى تەرەپ نەچچە ئن سېكۇنتتىلا ئەسلىدىكى ئورىگىنالغا ئوپمۇئوخشاش كۆپەيتىلگەن نۇسخىنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ. فاكس ئاپپاراتى نېمە ئۈچۈن ماتېرىياللارنى بۇنچە <ئەينەن> ئەۋەتەلەيدۇ؟ يېزىق، جەدۋەل ياكى سۈرەتلەرنى ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز، ھەممىسىنىڭ سانسىزلىغان قېنىق ياكى سۇس كىچىك رەڭىك چېكىتلەردىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىيالايسىز. فاكىس ئاپپاراتى بۇنداق كىچىك چېكىتلەرنىڭ رەڭگىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، تېلېفون سىمى ئارقىلىق يوللاپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇ قارا چېكىتنى كۈچلۈك ئېلېكتر ئېقىمى قىلىپ، ئاق چېكىتنى ئاجىز ئېلېكتر ئېقىمى قىلىپ، كۈل رەڭ چېكىتنى ئوتتۇراھال ئېلېكتر ئېقىمى قىلىپ يوللاپ بېرىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ فاكس ئاپپاراتى بۇنداق ئېلېكتر سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىپ، سۈرەت سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ قوبۇل قىلغان كۈچلۈك ئېلېكتر ئېقىمىنى قارا چېكىت، ئاجىز ئېلېكتر ئېقىمىنى ئاق چېكىت، ئوتتۇراھال ئېلېكتر ئېقىمىنى كۈل رەڭ چېكىت قىلىپ خاتىرىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىر پارچە فاكس سۈرەت كوپىيە قىلىنىدۇ. فاكس يوللاش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا، قوبۇل قىلىنغان، يوللانغان ئېلېكتر سىگنالىنىڭ ھەممىسى <كۈچەيتىلىپ> بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپنىڭ فاكس ئاپپاراتى <ماس قەدەملىك> بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا يېزىق ۋە سۈرەت قىڭغىر - قىيسىق، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەكسىچە نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
فاكس ئاپپاراتى نېمە ئۈچۈن يېزىق ۋە سۈرەت يوللىيالايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki