يىغا بىلەن تىل تەرەققىياتىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يىغا بولسا بىر خىل ئالدىنقى تىل سەۋىيە سىرتى ئالاقە قىلىش شەكلى. ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالاقىلىشىش رولىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، يەنە تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا نىسبەتەن يەنە بىر مەنىگە ئىگە بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. ئادەم سۆزلەش جەريانىدا خىلمۇخىل تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئېغىز، تىل، ئاستىنقى، ئۈستۈنكى ئېڭەك، بوغۇز، ئاۋاز پەردىسى، ئۆپكە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇش - بولماسلىقى تىلنىڭ ئوڭۇشلۇق چىقىش - چىقماسلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ. يىغلاش دەل مۇشۇلارنى چېنىقتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا يىغىمۇ ئاكتىپ مەنىگە ئىگە. بەزى بالىلار ناھايىتى ئاز يىغلايدۇ، ئانىلىرى بۇلارنى ناھايىتى مۇلايىم، يۇۋاش دەيدۇ. چوڭ بولغاندىن كېيىن تىل جەھەتتە توسالغۇ بارلىقىنى بايقايدۇ. بەزى ئانىلارنىڭ بالىغا ئىچى ئاغرىپ، بالا يىغلىغان ھامان قۇچىقىغا ئېلىۋالىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا بوۋاقنىڭ تىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز. بالىنىڭ يىغلاش ھوقۇقىنى <تارتىۋېلىش> بالىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش مەشىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. مۇۋاپىق يىغىنىڭ زىيىنى يوق. ئەلۋەتتە بۇ دېگىنىمىز ھەرگىزمۇ بالا ئۇزۇن ۋاقىت يىغلىسىمۇ كارىڭىز بولمىسۇن دېگىنىمىز ئەمەس. ھەدىدىدىن زىيادە ئارتۇق يىغا بوۋاقنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يىغا بالىنىڭ ئالاقىلىشىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى، بىراق ھەدىدىدىن زىيادە قىرقىراپ يىغلىغان يىغا چوقۇم ئاتا - ئانىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.