UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

بالىلار مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاچچىقسۇ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى خىلمۇخىل باكتېرىيىلەرنىڭ يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئاچچىقسۇ يەنە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئاشقازاننى ئاسراش رولى بار، سەي قورۇغاندا ئەگەر ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، ۋىتامىن C نى قوغداپ قېلىش رولىنى ئوينايدۇ. پىشۇرۇپ، دۈملىگەن يېمەكلىكلەرگە، پىشۇرۇش ۋە دۈملەش جەريانىدا ئازراق ئاچچىقسۇ قويۇۋەتسە، سۆڭەكتىكى كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنى ئەڭ يۇقىرى چەك ئىچىدە شورپىغا چىقىرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا ناھايىتى قۇلايلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى جايىدا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقسۇ يەنە ئورگانىزملارنىڭ مېتابولىزم ھەرىكىتىگە پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يېمەكلىكىگە ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ بېرىش كېرەك، بىراق ئاچچىقسۇنىڭ بەلگىلىك مىقداردا غىدىقلاش رولى بولۇپ، ئارتۇق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە