پارقىراق قۇش نېمە ئۈچۈن «تىرىك پانۇس» دەپ ئاتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇگاندانىڭ ئېنتېببىې شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كىرا ئورمانلىقىدا پارقىراق قوڭغۇزغا ئوخشاش نۇر چاچالايدىغان بىر خىل قۇش بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «پارقىراق قۇش» دەپ ئاتىشىدۇ.
پارقىراق قۇشنىڭ جۇغى كىچىك بولۇپ، شەكلى ئۇچۇرققا ئوخشىشىدۇ. پۈتۈن بەدىنى سېرىق رەڭدە بولۇپ، بېشى بىلەن ئىككى قانىتىدىكى پەيلىرىدىن باشقا، بەدىنىنىڭ قالغان قىسمى بىر قەۋەت نېپىز قاسىراق بىلەن قاپلانغان، قاسىراق ئىچىگە بىر دانە «نۇر چاچقۇچ» يوشۇرۇنغان بولۇپ، پارقىراق قۇش دەل مۇشۇ نۇر چاچقۇچنىڭ خاسىيىتى بىلەن نۇر چاچالايدۇ.
پارقىراق قۇشىنىڭ نۇر چېچىش قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇر چېچىش قاتلىمى ئوكسىگېن سۈمۈرۈش نەيچىسى قاتارلىق نۇر چېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر نەچچە قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. ئوكسىگېن سۈمۈرۈش نەيچىسى توختىماستىن ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇر چېچىشنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
يەرلىك ئاھالىلەر پارقىراق قۇش بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ سايرىشىدىن ۋە پەيلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى ئۇنى يورۇتۇش قورالى قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇلار كەچلىرى سىرتقا چىققاندا، پارقىراق قۇشنى ئېلىۋالىدۇ، ئۇنى ئېلىۋالغاندىكىن قولچىراغ، پانۇس، مەشئەل دېگەندەك يورۇتۇش سايمانلىرىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. كىشىلەر پارقىراق قۇشنىڭ نۇر چېچىشى بىلەن، ھەر قانداق نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، يىقلىپ چۈشمەيدۇ، يولدىن ئادىشىپمۇ قالمايدۇ. شۇڭا، پارقىراق قۇشنى ئىسمى - جىسىمىغا لايىق «تىرىك پانۇس» دېيىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ھىندونېزىيىنىڭ بۇتۇڭ ئارىلىدا بىر خىل كىچىك قۇش بار بولۇپ، ئۇنىڭ قورسىقىدا ئەينەكتەك بىر پارچە نۇر قېپى بار، قۇياش ياكى باشقا نۇرلار ئۇنىڭ بەدىنىگە چۈشكەندە، نۇر قېپى نۇرنى قايتۇرىدۇ، بۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان چاقماققا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «چاقماق قۇش» دەپ ئاتىشىدۇ.