نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرلارنى تورلاشتۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بىر كومپيۇتېر كۆپ ھاللاردا ئاز مىقداردىكى ئۇچۇرلارنىلا ساقلىيالايدۇ، پەقەت بىر ياكى بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. كومپيۇتېرنى تېخىمۇ بىلىملىك، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
بار، ئەگەر باشقا - باشقا شەھەر ۋە رايونلاردىكى نۇرغۇنلىغان كومپيۇتېرلارنى ئېلېكتر كابېلى، ئوپتىكىلىق كابېل قاتارلىق ئالاقە لىيىنلىرى ئارقىلىق ئۇلاپ، <كومپيۇتېر تورى> ھاسىل قىلىنسا، كىشىلەر تور ئارقىلىق ئۆز ئارا ئالاقە ئورنىتىپ، توردىكى ھەر قايسى كومپيۇتېرلارنىڭ ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەگەر، توردا <سەنئەت مۇزېيى> بولسا، سىز ئۇنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ھەر بىر سەنئەت بۇيۇمىدىن بەھىرلىنەلەيسىز؛ ئەگەر توردا <ماتېرىيال ئامبىرى> بولسا، ئۆزىڭىزگە ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋالالايسىز. يۇقىرىقىدەك مەشغۇلاتلار ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا مەشغۇلات قىلغاندەكلا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايسىز.
كومپيۇتېر تورى چوڭ - كىچىك بولىدۇ. بىر ئىشخانا ياكى بىر بىنادىكى كومپيۇتېرلار تۇتاشتۇرۇلسا كىچىك تىپتىكى تور ھاسىل بولىدۇ، بۇ تار دائىرىلىك تور دەپ ئاتىلىدۇ؛ مەسىلەن، كىچىكرەك شىركەتلەرنىڭ ئچىكى تورلىرى؛ پۈتكۈل شەھەردىكى كومپيۇتېرلار تۇتاشتۇرۇلسا، شەھەر تورى دەپ ئاتىلىدۇ؛ مەسىلەن، شەھەر قاتنىشىنى باشقۇرۇش تورى؛ تېخىمۇ چوڭ تورلار پۈتكۈل دۆلەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيۇتېرلارنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ كەڭ دائىرىلىك تور دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ئىنتېرنېت. ئىنتېرنېت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا كومپيۇتېر ئالاقە تورىدۇر. بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان <تورغا چىقىش> كومپيۇتېرىمىزنى ئىنتېرنېتقا ئۇلاشنى كۆرسىتىدۇ.