UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەكمۇ؟

بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم بەدىنىنىڭ گەرچە ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياجى ئاز بولسىمۇ، بىراق ۋىتامىن كەم بولغاندىكى خەتەر كىچىك ئەمەس. شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئاقسىل، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلارنى تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە سۇ خاراكتېرلىك ۋە ماي خاراكتېرلىك ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ، بەدەندىكى خىلمۇخىل ئىقتىدارنى تەڭشەش كېرەك. يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەردە سۇ خاراكتېرلىك ۋىتامىن كۆپ بولىدۇ. ئانئورگانىك تۇز، تالالىق ئېلېمېنت، مېۋە يېلىمى، گۆش، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلاردا مول بولغان تۆمۈر ماددىسى بولغاندىن سىرت، يەنە خىلمۇخىل ماي خاراكتېرىدىكى ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ. بەزى ئانىلار بىرىككەن ۋىتامىن تابلېتكىسى بىلەن ۋىتامىن تولۇقلايدۇ، بۇنىڭ بولمايدىغان يېرى يوق، بىراق بەزى ۋىتامىن تابلېتكىسى بالىلارنى جېدەلخور قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە