نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئۇخلاۋېتىپ جۆيلۈيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە، ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى توسۇلۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بۇ چاغدا بەزى تۆۋەن ئاۋاز ياكى باشقا ناھايىتى كۈچلۈك بولمىغان تەسىرلەر، مەسىلەن، نۇر، پۇراق، ھەتتا تېگىش، سىلاشلارمۇ ئۇنى ئويغىتالمايدۇ. روشەنكى، ئۇخلىغاندا ئادەم تېنىدىكى ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى - چوڭ مېڭە جانلىنىش ھالىتىدىن توسۇلۇش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئەڭ تولۇق دەم ئېلىشتىن بەھرە ئېلىۋاتقان بولىدۇ.
لېكىن، چوڭ مېڭىدە نۇرغۇن <خادىملار> بار، بۇ خادىملار چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنى كۆپلىگەن ئىقتىدار مەركەزلىرىگە ئايرىش مۇمكىن. مەسىلەن، ئاڭلاش سېزىمى مەركىزى، تىل مەركىزى، ھەرىكەت مەركىزى ۋە باشقىلار. ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى مەركەزلەردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ دۈم ئېلىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى مەركەزلەردىكى بەزى ھۈجەيرىلەر يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىدىكى ھېلىقى تىلغا مەسئۇل مەركەز تېخى تامامەن دەم ئېلىش باسقۇچىغا كىرمىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم <خادىملار> يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتقان تامامەن تورمۇزلىنىش ھالىتىگە كىرمىگەن بولسا، بۇ ئادەم ھەتتا جۈيلۈپ ھەرىكەت قىلىشى، يەنى ئۇخلاۋېتىپ كارىۋاتتىن تۇرۇپ، تالاغا چىقىپ بىر ئايلىنىپ قويۇپ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كىرىپ يەنە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىشى مۇمكىن. ئەتىسى ئۇ ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشنى زادىلا ئۇقمايدۇ.