ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سۇ ئىچىشىدە قانداق ئۆلچەم بار؟
نېمە ئۈچۈن
سۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى، ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 60% دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، قان، توقۇلما سۇيۇقلۇقى ۋە ھۈجەيرە ئارىلىق سۇيۇقلۇقى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم جەريانىدا مۇھىم رولغا ئىگە. ئادەم بەدىنىدە ئەگەر سۇ كەمچىل بولسا، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەش، ئوكسىگېن كەم بولۇش، ھەتتا ئۆلۈش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. سۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشى ئەڭ تېز بولۇپ، ئىنكاسىمۇ ئەڭ سەزگۈر. ئادەم ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، بۇ بەدەندە سۇنىڭ كەملىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ (نورمال ئادەمنىڭ) ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان سۈيى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2240 مىللىلىتىر (بەش ئىستاكاندىن 10 ئىستاكانغىچە سۇغا تەڭ)، بۇ ئىستېمال قىلغان سۇ يەنە بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماق، سەي، مېۋە - چېۋە ۋە ئىچكەن شورپا، كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ئانا بەدىنىنىڭ خورىشى كۆپىيىپ، سۇغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشىدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. بىراق، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىچكەن سۇ مىقدارى ئېھتىياجىدىن بەك ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئادەتتە، ھەر كۈنى 1000 - 1500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە، پەسىل، ھاۋا رايىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئىچكەن سۇنىڭ مىقدارىمۇ ئاز، كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە 2000 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمىسە پايدىلىق، چۈنكى ئارتۇق سۇ بەدەنگە يىغىلىپ قېلىپ، سۇ چۈشۈپ قېلىش ۋە ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، سۇنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىپ، ئىششىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش كېرەك.