UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچۈچۈك (چۈچۈك قۇرتى) كېسىلى دېگەن نېمە؟

چۈچۈك (چۈچۈك قۇرتى) كېسىلى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن چۈچۈك كېسىلى — تۈتۈ مەددە پارازىت قۇرتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچەينىڭ ئاستىنقى قىسمى، قارىغۇ ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي، توغرا ئۈچەي قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا قىلىدىغان، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان بىرخىل كېسەللىك. بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇم مەنبەسى چۈچۈك بىمارلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇملىنىش يوللىرى بولسا چۈچۈك قۇرت تۇخۇمى بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بارماقنى شوراش ۋە چۈچۈك قۇرت تۇخۇمى بىلەن بۇلغانغان چاڭ - توزاڭنى سۈمۈرۈپ يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار. ئايرىم ئەھۋال ئاستىدا، مەقئەت ئەتراپى ئىتتىك يۇقۇملىنىدۇ، چۈچۈك مەددە قۇرتىنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، سوغۇقراق، نەم مۇھىتتا ئۈچ ھەپتە ياشىيالايدۇ. 10% لىك فىنوللۇق سوپۇن پاراشوكى ياكى 5% لىك بېنزوللۇق فىنول ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە