UyghurWiki›نەمە›بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالا پەقەت ئاساسىي يېمەكلىكنى ئاز يەپ، كۆكتاتنى كۆپ يېيىشى، ياكى كۆكتاتنى كۆپ يەپ، يېمەكلىكنى ئاز يېيىشى كېرەك دېگەن كۆز قاراش توغرىمۇ؟
بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالا پەقەت ئاساسىي يېمەكلىكنى ئاز يەپ، كۆكتاتنى كۆپ يېيىشى، ياكى كۆكتاتنى كۆپ يەپ، يېمەكلىكنى ئاز يېيىشى كېرەك دېگەن كۆز قاراش توغرىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرگەندە، تاماقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار پەقەت ئاساسىي يېمەكلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېزىلگەن تاماق، ئۈگرە، خىلمۇخىل ئۇماچ قاتارلىق خىلمۇخىل نەرسىلەر بىلەن بالىنى بېقىپ، بېلىق گۆشى، كۆكتات، پۇرچاقتىن قىلىنغان يېمەكلىكنى ئاز بېرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالىدا ئاقسىل يېتىشمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. ئوزۇقلۇق ناچارلىشىدۇ ياكى بالىغا بېلىق گۆشى، كۆكتات قاتارلىقلارنى بېرىپ، ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ناھايىتى ئاز بېرىدۇ - دە، كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ كەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تاماقنىڭ تەڭپۇڭلۇق پرىنسىپىغا خىلاپ بولۇپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.