UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا نېمىشقا زىيادە سېزىمگە ئىگە بولىدۇ؟

بالا نېمىشقا زىيادە سېزىمگە ئىگە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى تۆۋەن بولىدۇ، بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مەسىلە — ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا بالىنىڭ يېمەكلىككە بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى كۆپىنچە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشى بىلەن پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئېمىتىشنى توختىتىپ قويماسلىق ھەم بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنى قوزغىغان يېمەكلىكنى تېپىپ كېيىن قەتئىي بەرمەسلىك كېرەك. بالىلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى بولسا يېمەكلىك تەركىبىدىكى مەلۇم بىرخىل زىيادە سېزىمچانلىققا ئىگە نەرسىنىڭ ئۈچەيگە كىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، بالىنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ يېپىشقاقلىقى ياخشى بولماسلىقى بۇ خىل ئالامەتنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە سېزىمچانلىق يېنىك دەرىجىدە بولغاندا، تېرىگە مونەكلەر چىقىدۇ، ئېغىر بولغاندا ياندۇرىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، ئۈچەي يولى ئاغرىيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالا نېمىشقا زىيادە سېزىمگە ئىگە بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki