UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندا قايسى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك؟

بوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندا قايسى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن [FT4,4\"NDA]بوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندا، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك: 1. ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ مۇۋاپىق مەزگىلى. ئادەتتە بوۋاقلارنى بىر ياش ئەتراپىدا ئەمچەكتىن ئايرىسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ. 2. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىش جەريانى. ئەگەر بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىكنى سەل كېيىنرەك قوشۇپ بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇقى يەنىلا ئاساسلىقى سۈتكە تايىنىدۇ، ئۇنداقتا بوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىشنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈش كېرەك. 3. بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى. ياخشى ۋاقىتنى تاللاپ ئەمچەكتىن ئايرىمىسا بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر ئۆزلىشىش جەريانىغا ئېھتىياجلىق، بۇ ۋاقىتتا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بوۋاق ئاغرىپ قالغان مەزگىلىدە ئەمچەكتىن ئايرىسا بولمايدۇ. 4. مۇۋاپىق بولغان ئەمچەكتىن ئايرىش پەسلى. ئىمكانقەدەر يازدا، قىشتا ئەمچەكتىن ئايرىشتىن ساقلىنىش. يازدا بوۋاق كۆپ تەرلەيدۇ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، ھەممە يېمەكلىك ئاسانلا بۇزۇلۇپ ئۆزگىرىپ قېلىپ ئوڭايلا بوۋاقتا ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىشتا سوغۇق، بوۋاققا ئاسان سوغۇق تېگىپ، زۇكامداپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن ئەمچەكتىن ئايرىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىللىق باھار ياكى سالقىن كۈز پەسلىنى تاللاش. ئۇنىڭدىن سىرت بوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندا بوۋاققا قارايدىغانلار كۆپرەك بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغانلىقتىن، بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملەشكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئويلىشىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندا قايسى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki