UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاۋىئاماتكىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى پەۋقۇلئاددە زور بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاۋىئاماتكىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى پەۋقۇلئاددە زور بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاۋىئاماتكا ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي قورال دېيىلىدۇ. بەزىلەر ئاۋىئاماتكىدا نۇرغۇن ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قوراللىرى بولغانلىقتىن شۇنداق دېيىلگەن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئەڭ ئىلغار بولغان يادرو ئېنېرگىيىلىك ئاۋىئاماتكىغا ھېچقانداق زەمبىرەك ئورتنىتىلمىغان بولۇپ، جىق دېگەندىمۇ بىر قانچە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق شۇنى ئەستىن چىقىرىپ قويماڭكى، ئاۋىئاماتكىدا ئىقتىدارى ئۆزگىچە، جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كۈرەشچى ئايروپىلاندىن نەچچە ئونى بار. ئاۋىئاماتكىغا ئىلغار تەكشۈرۈش ۋە قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغانلىقتىن، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە جەڭ قىلىشىغا ئائىت ئىشلارنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد زەمبىرەك، تورپېدا قاتارلىق قوراللار ئورنىتىلغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار ھاۋا بوشلۇقى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئۈستى ۋە سۇ ئاستىدىكى دۈشمەنگە ھەر تەرەپلىمە زەربە بېرەلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ. بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىنىڭ ئوت كۈچىنى ھاۋا بوشلۇقىغا <كۆتۈرۈپ چىققان> دەكلا ئىش. ئاۋىئاماتكىنىڭ تېخىمۇ ئاساسلىق كۈچ - قۇدرىتى شۇ يەردىكى، ئاۋىئاماتكا جەڭگە ئاتلىنىشى بىلەن سەپ - سەپ بولۇشقان زور جەڭگىۋار گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاۋىئاماتكىنىڭ سېپى ئادەتتە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئون نەچچە پاراخوتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت، قوغدىغۇچى پاراخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پاراخوت ۋە ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى سەپكە تولۇقلانغان بولۇپ، ئۇلارغا نەچچە مىڭ دانە ھاۋا مۇداپىئە، پاراخوتقا قارشى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورنىتىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ھۇجۇم، مۇداپىئە ئوت كۈچى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن، بۇ ئارقىلىق ئاسماندىن تارتىپ دېڭىز ئاستىغىچە ئىنتايىن زىچ مۇداپىئە تورى ھاسىل قىلىنغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، بۇنداق زور كۆلەمدىكى فلوتنىڭ ھۇجۇم قىلىش كۈچىمۇ ئىنتايىن قۇدرەتلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئاۋىئاماتكىغا ئەۋزەلك دېڭىز ۋە ھاۋا ئەسكىرىي كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دېڭىز ۋە ھاۋا ئەسكىرىي كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تېزلا قولىغا ئېلىپ، دېڭىز تەۋەلىكى، دېڭىز ساھىلى ۋە دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىغا نىسبەتەن قۇدرەتلىك تەھدىت كۈچى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە باشقا ھەر قانداق قورالنى ئاۋىئاماتكىغا تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە