UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بەزى قېتىشمىلار ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى قېتىشمىلار ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆزەينەك تاقايدىغان نۇرغۇن ئادەملەر كۆزەينەكنى توغرا تاقىمىغانلىقتىن ئەينەك رامكىسى ئېگىلىپ كېتىشتەك ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇپ تۇرىدۇ. ئالىملار يېقىندا بىر خىل كۆزەينەك رامكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئۇ قانچىلىك دەرىجىدە ئېگىلىپ كەتمىسۇن، ئالىقانغا قويۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىلەن سەل ئىسسىقلىق ئۆتكۈزسىلا ئۇنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئاجايىپ كۆزەينەك رامكىسى <شەكىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېتىشمىسى> دەپ ئاتىلىدىغان ماتېرىيالدىن ياسالغان. ئادەتتە جىسىملار بەلگىلىك تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە ھالىتى ۋە ھەجىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، تاشقى كۈچ يوقالغاندا جىسىم يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە تولۇق قايتىدۇ. ناۋادا تاشقى كۈچنىڭ تەسىرى بەك چوڭ بولسا جىسىمنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا تاشقى كۈچ يوقالغان تەقدىردىمۇ جىسىم ئەسلىدىكى ھالىتىگە كېلەلمەيدۇ. ئەمما شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېتىشمىسىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئىچكى قىسمى ئىنتايىن مۇقىمسىز قۇرۇلما ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈپ مەلۇم ئالاھىدە تېمپېراتۇرىغا ئەكەلگەندە، ئەسلىدىكى مۇقىم قۇرۇلما ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ ھادىسىنى ئالىملار شەكىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى دەپ ئاتايدۇ. ھازىر بايقالغان شەكىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە قېتىشمىلار نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغىنى نىكېل، تىتان قېتىشمىسى، ئالتۇن، كادمىي قېتىشمىسى ۋە مىس، ئاليۇمىن، نىكېل قېتىشمىسى قاتارلىقلار. ئالىملار ئۇلارنى مېتال تۇرۇبىلارنى ئۇلاشقا ئىشلىتىپ، ئايروپىلاندا ماي ئېقىش ئەھۋالىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلدى. ئېنېرگىيە، قاتناش، ئېلېكترون، بىئومېدىتسىنا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە شەكىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېتىشمىسى ئاجايىپ <ئەسلىگە كەلتۈرۈش> ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بەزى قېتىشمىلار ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki