نېمە ئۈچۈن ئىمتىھان باسقۇچىدا يېمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ۋە ئىمتىھان باسقۇچىدا، ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە مېڭە قۇۋۋىتىنىڭ سەرپىياتى ناھايىتى زور بولىدۇ، مۇۋاپىق دەم ئېلىپ، ئۆزىنى جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەڭشىگەندىن سىرت، زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم.
شېكەر ئادەمنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، گۈرۈچ تامىقى، پېچىنە - پىرەنىك، كەمپۈت قاتارلىقلاردا زور مىقداردا شېكەر بار. شۇڭا، ئىمتىھان باسقۇچىدا چوقۇم تولۇق بولغان ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، تەندىكى شېكەرنىڭ زاپىسىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يۈرەك مۇسكۇلى ۋە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، چارچاش دەرىجىسىنى كېچىكتۈرۈشكە ۋە يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق.
ئاقسىل چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نېرۋا ۋاستىلىرىنىڭ بىرلىشىشىگە قاتنىشىدۇ. ئىمتىھان مەزگىلىدە، يۇقىرى دەرىجىدىكى كۈچلۈك ئەقلىي ئەمگەككە تېخىمۇ كۆپ ئاقسىل كېرەك بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ۋە پائالىيىتى ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، قارا گۆش، بېلىق، سۈت، تۇخۇم ۋە باقىلە (دادۇر) دىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
لېتسىتىن چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان مۇھىم ماددا، ئۇنىڭدىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان ئاتسېتىلخولىن نېرۋىلارنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. باقىلە، تۇخۇم، سۈت ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا بىر قەدەر زور مىقداردا لېتسىتىن بار، شۇڭا دائىم تولۇقلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك. ۋىتامىن ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا ۋە فېرمېنتلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە قاتنىشىدۇ، بۇ چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىلىق.
ئىككى قېتىملىق ئىمتىھان ئارىلىقىدا، شاكىلات ۋە مېۋە سۈيى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم ئىسسىقلىق تولۇقلاپ تەندىكى جىگەر شېكەر مەنبەسىنىڭ سەرپىياتىنى ئازايتىپ، قان قەنتى تۆۋەنلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھەم چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى رولىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.