UyghurWiki›نەمە›ياز پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسسىقلىقچىقىپ كېتىشنىڭ قانداق ئالدىنىئېلىش كېرەك؟
ياز پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسسىقلىقچىقىپ كېتىشنىڭ قانداق ئالدىنىئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ياز كۈنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن يىغلايدۇ، ئاسانلا تەر چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران بولغانلىقتىن ئاسانلا ئىسسىقلىق چىقىپ كېتىدۇ. ئىسسىقلىق يىرىڭلىق قاپارتقۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق كۈتۈلمىسە ھەتتا سېپتىتسېمىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بوۋاقنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ. شۇڭا ئىسسىقلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بەك دىققەت قىلىش شۇنداقلا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:
1. ياز كۈنى ئېمكانقەردەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قاتتىق يىغلاپ، تەر چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم تېگىشلىك بولغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش.
2. بوۋاقنى پات - پات ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى بوۋاقنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق يۇيۇش ياكى بەدىنىنى سۈرتۈپ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە چوقۇم بەدەن تېرىسىنى قۇرۇتۇپ ئاندىن كىيىم كىيدۈرۈش، باشتىن - ئاخىر تېرىنىڭ قۇرۇقلۇقىنى ساقلاش.
3. ئەگەر بوۋاقنىڭ بېشىغا ئىسسىقلىق چىقىپ كەتسە، چېچىنى كالتە كېسىپ، تەرلەشنى ئازايتىش.
4. ئەگەر ئىسسىقلىق يىرىڭلىق قاپارتقۇ شەكىللەندۈرۈپ بولغان بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا داۋالىتىش، قول بىلەن خالىغانچە سىقماسلىق، كىڭىيىپ پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ياكى سېپتىتسېمېىيە كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
5. ئەگەر شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى قىزىتما، ئەممەسلىك، روھىي چۈشكۈنلۈك، يىغلىماسلىق قاتارلىق غەيرىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ سېپتىتسېمىيە كۆرۈلۈپ بولغانلىق بولۇپ، چوقۇم دەرھال مۇۋاپىق تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش، ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.