UyghurWiki
UyghurWikiنەمەماشىنا ئادەم جىسىملارنى قانداق <كۆرەلەيدۇ>؟

ماشىنا ئادەم جىسىملارنى قانداق <كۆرەلەيدۇ>؟

نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەمنىڭ بىر جۈپ روشەن كۆزى بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاماملىيالايدۇ. مەسىلەن، قۇراشتۇرغۇچى ماشىنا ئادەمنى ئالساق، ئۇ نۇرغۇن دېتال ئىچىدىن كېرەكلىك بىرىنى تاللاپ، ماشىنىغا سەپلەيدۇ؛ سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمىنى ئالساق، ئۇ چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا ھەرىكەت قىلغاندا، يەر شەكلىنى ئېنىق كۆرەلىگەچكە يوشۇرۇن خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، ماشىنا ئادەملەر جىسىملارنى قانداق <كۆرەلەيدۇ>؟ ئادەم كۆزى بىلەن نەرسىلەرنى كۆرىدۇ، چوڭ مېڭىسى بىلەن پەرقلەندۈرىدۇ. كۆز ئالمىسىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىدە 100 مىليوندىن ئارتۇق يورۇقلۇققا سەزگۈر ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇ قوبۇل قىلغان ئارتۇق يورۇقلۇققا سەزگۈر ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇ قوبۇل قىلغان سىگنالنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم جىسىملارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ھالىتى ۋە ئورنىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ نەرسىلەرنى كۆرۈشىمۇ ئادەمگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇنىڭ <كۆزى> تېلېكامېرا، <چوڭ مېڭىسى> كومپيۇتېردىن ئىبارەت. ئۇ نەرسىلەرنى كۆرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن تېلېكامېرا ئارقىلىق جىسىمنى <سۈرەتكە ئېلىۋالىدۇ>، ئاندىن، سۈرەتنى ئېلېكتر سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر ئۇنى پەرقلەندۈرىدۇ. پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق: ئالدى بىلەن تەييارلانغان نۇرغۇن سۈرەت كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن تېلېكامېرادا تارتىلغان سۈرەت كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلار سېلىشتۇرۇلىدۇ، ئىككىسى ئوخشاش بولسا، كومپيۇتېر ئۇنىڭ قانداق جىسىم ئىكەنلىكىنى تونۇيالايدۇ. يۇقىرىقىلار ئەڭ ئاددىي ماشىنا ئادەملەرنىڭ نەرسىلەرنى كۆرۈش جەريانىدۇر. ئەمەلىيەتتە، زامانىۋى ماشىنا ئادەملەرنىڭ نەرسىلەرنى كۆرۈش جەريانى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ماشىنا ئادەم جىسىملارنى قانداق <كۆرەلەيدۇ>؟ | UyghurWiki | UyghurWiki