يەتتە - سەككىز ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشنىڭ قانداق مۇھىم تەرەپلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يەتتە - سەككىز ئايلىق بوۋاقنى كۈتۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. يەتتە - سەككىز ئايلىق بوۋاقلارنىڭ پۇت - قولى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۆزى ئۆرۈلەلەيدۇ، كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا تەرلەپ كەتكەنلىكتىن يوتقاننى تېپىپ ئېچىۋېتەلەيدۇ. كىشىلەر دائىم <بوۋاق ئۈچ ئۈلۈش سوغۇق ساقلاپ قېلىش كېرەك> دېگەندەك، ئاتا - ئانا بوۋاققا بەك كۆپ، بەك قېلىن يېپىۋەتمەسلىك لېكىن ھىم يېپىپ بوۋاققا سوغۇق ئۆتۈپ قالماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. يەتتە - سەككىز ئايلىقتا بوۋاق بوۋاقلار ھارۋىسىدا بىخەتەر ئولتۇرۇپ سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەلەيدۇ ۋە ئاپتاپسىنالايدۇ. بوۋاققا كۆپرەك دەرەخلەرنى، گۈللەرنى ھەم ھەرخىل ھەرىكەت قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بەرسە بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
3. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئۆمىلەشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ كارىۋاتتا، پولدا ئەركىن ئۆمىلىشىگە يول قويۇش، لېكىن چوقۇم بىر ئادەم قاراپ بىر يەرلەرگە ئۈسۈپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.