بالىلار چاچ ياسىتىشنى خالىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بىز دائىم بالىلارنىڭ چاچ ياسىتىۋاتقان ۋاقىتتا قاتتىق يىغلاپ، قىيا - چىيا قىلغانلىقىنى، چاچ ياسىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ خىل ھادىسە بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ چاچ ياسىتىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى: تۇنجى قېتىم چاچ ياساتقاندا بەلكىم ئۇنىڭ تېرىسى زەخىملەنگەن بولۇشى، قىرقىپ چۈشۈرۈلگەن چاچ بالىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، ناھايىتى بىئارام بولغان بولۇشى چېچىنى يۇغاندا سوپۇن ماغزىپى ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىپ كەتكەن بولۇشى ياكى ئۇسىترا بىر ئاز سوغۇق بولۇپ، بالىنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئىمكانقەدەر يۇقىرىقى ئەھۋالدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان ئاساستا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكى قورقۇنچىنى تۈگىتىپ، ئۇنى قەيسەر بولۇشقا ئۈندەش چېچىنى دوستلىرى بىلەن بىللە ياسىتىش ۋە ئۇنىڭغا <قارا، كىچىك ئاكاڭ نېمىدىگەن قەيسەر - ھە؟ مېنىڭ قوزام ئۇنىڭدىن قەيسەر> دېيىش، شۇنداقلا ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن چاچ ياسىتىش، ھەرگىزمۇ زورلاش ۋاسىتىسىنى قوللانماسلىق كېرەك، بولمىسا بالىنىڭ كۆڭلىدىكى قورقۇنچنى كۆپەيتىۋېتىپ، بالىلارنىڭ پسىخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا پايدىسىز ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.