UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ نورمال رېئاكسىيىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ نورمال رېئاكسىيىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن نورمال رېئاكسىيىنى ۋاكسىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزىدە بولغان ئالاھىدىلىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن خاراكتېرى ۋە كۈچلۈكلۈكى ۋاكسىنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: تىرىك ۋاكسىنا ئەملەش ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق يېنىك دەرىجىدىكى سۈنئىي يۇقۇملاندۇرۇش بولۇپ، بەزى ئۆلۈك ۋاكسىنىلار بەلگىلىك دەرىجىدە زەھەرلىكلىكىنى ساقلاپ قالغان. نورمال رېئاكسىيە يەرلىك ئورۇندىكى رېئاكسىيە ۋە پۈتۈن بەدەنلىك رېئاكسىيە دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى رېئاكسىيە ۋاكسىنا ئەملىنىپ 24 سائەت ئەتراپىدا ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش ھادىسىسى يۈز بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن بەدەنلىك رېئاكسىيىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى قىزىش ئالامىتى. بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.6℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ، بەزىدە باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ. ئېغىرلىغان ئالامەت رېئاكسىيە يۈز بەرگەن قېتىم سانى ۋە كۈچلۈكلۈكى مۇشۇ ۋاكسىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما پەقەت ئادەتتىكى رېئاكسىيىنىڭ ئېغىرلاشقىنى بولۇپ ھەرگىزمۇ باشقا تەرەپلەردە غەيرىي ئالامەتلەر يۈز بەرمەيدۇ ھەمدە رېئاكسىيە خاراكتېرى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە