UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكود بىلەن شىفىر بىر گەپمۇ؟

كود بىلەن شىفىر بىر گەپمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كود بىلەن شىفىرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ۋاكالەتلىك قىلىدىغان نومۇر ياكى بەلگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ رولى ئوخشاشمايدۇ. كود بەلگىلىك قانۇنىيەت بىلەن تۈزۈلگەن بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان پوچتا نومۇرى بىر خىل كودتۇر، ئۇ ئالتە خانىلىق رەقەم ئارقىلىق بەلگىلىك بىر رايوننى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، 200052 شاڭخەي شاھىرى چاڭنىڭ رايونىنى بىلدۈرىدۇ؛ تېلېگرامما سالغاندا ئىشلىتىلىدىغان مورس تېلېگرامما نومۇرىمۇ بىر خىل كود بولۇپ، ئۇ چېكىت ۋە سىزىقلارنى ھەر خىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھەرپنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئوخشاشمىغان تاق سۆزلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن، <ـ .> A ھەرپىنى، <ـ ـ ـ> O ھەرپىنى، <...> S ھەرپىنى، <... ـ ـ ـ...> SOS (قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش سىگنالى) نى بىلدۈرىدۇ. تاياق كود مەخسۇس كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان كود بولۇپ، ئۇ بىر گۇرۇپپا ئاق - قارا، كەڭ - تار تاياقسىمان بەلگىلەردىن پايدىلىنىپ تاۋارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، تاۋار ئىسمى، تاۋارنى ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت ياكى رايون، ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇت قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. شىفىر بىر خىل <مەخپىي كود> تۇر. ئۇرۇش ياكى مۇھىم سورۇنلاردا بەزى ئۇچۇرلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇڭلاشقا چوقۇم شىفىر ئارقىلىق يېزىلىپ، ئاندىن ئەۋەتىلىدۇ ياكى ئالماشتۇرۇلىدۇ. شىفىرنىڭ تۈزۈلۈش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلارلا شىفىرلىق ئۇچۇرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ، ئەمما باشقا كىشىلەر كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كود ئاشكارا بولىدۇ، كودلاشتۇرۇش ئالاقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋان، قۇلايلىق، ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈندۇر، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. شىفىر مەخپىي بولىدۇ، ئۇ ئالدىن بەلگىلەنگەن، ئالاھىدە تۈزۈلگەن مەخپىي كود ۋە باشقا نومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. شىفىر تۈزۈشتىكى مەقسەت ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولۇپ، ئالاقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپلا پايدىلىنالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە