بوشلۇق پونكىتى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بوشلۇق پونكىتى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزۇن مەزگىل ئايلىنىپ تۇرالايدىغان بىر خىل ئادەم چۈشكەن ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت. بوشلۇق پونكىتىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەر بولىدۇ. بوشلۇق پونكىتى يەر شارىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، قايتا يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىنمەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم كېمىسى ياكى ئالەم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بوشلۇق پونكىتىغا بارالايدۇ.
ھازىرغا قەدەر، ئىنسانلار جەمئىي توققۇز دانە بوشلۇق پونكىتى قويۇپ بەردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قويۇپ بەرگەن <ساليوت - 1>، <ساليوت - 2>، <ساليوت - 3>، <ساليوت - 4>، <ساليوت - 5> ناملىق بوشلۇق پونكىتلىرى ۋە ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن <ئاسمان تەجرىبىخانىسى> ناملىق بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئىشلەش مەزگىلى بىر قەدەر قىسقا. كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە ئىشلەش مەزگىلى ئۇزۇنراق بولغان <ساليوت - 6>، <ساليوت - 7> ۋە <تىنچلىق> ناملىق بوشلۇق پونكىتلىرىنى قويۇپ بەردى. ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كەتتى.
داڭلىق <تىنچلىق> ناملىق بوشلۇق پونكىتى 1986 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن، ئۇ جەمئىي 100 نەچچە نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۈتۈۋالغان بولپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ <ئالەم بوشلۇقىدىكى سارىيى> بولۇپ قالغان. ئالەم ئۇچقۇچىسى پورىياكوف <تىنچلىق> ناملىق پونكىتىدا 438 كۈن تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇدا تۇرمۇش كەچۈرۈشىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. ئۈسكۈنىلەر كونىراپ، كاشىلىلار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغانلىقتىن، <تىنچلىق> ناملىق بوشلۇق پونكىتى 2001 - يىل 3 - ئايدا تىنچ ئوكيانغا بىخەتەر ھالدا چۈشتى.
1993 - يىلى ئامېرىكا، روسىيە قاتارلىق 16 دۆلەت ئورتاق ھالدا خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ ئادەم چۈشكەن ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 88 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 430 توننا كېلىدۇ. بۇ غايەت زور نەرسىنى قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن، 47 قېتىم ئالەم قاتنىشىغا ئالاقىدار قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋە زور تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئىشقا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدىكى <ئالەم ئاۋىئاماتكىسى> بولۇپ قالىدىغان بۇ پونكىتنىڭ 2005 - يىلى پۈتكۈزۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.