UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرـ تىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرـ تىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق دېگىنىمىز، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە قاتتىق سوغۇق ياكى يۇقۇملىنىش قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان تېرە ۋە تېرە ئاستى مېيى قېتىشىش ۋە سۇلۇق ئىششىشنى كۆرسىتىدۇ. دائىم تۆۋەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۆرۈلىدۇ ھەم يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق نۇرغۇن ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق، تۇنجۇققان ھەم يۇقۇملانغان (مەسىلەن: سېپتىتسېمىيە، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئوڭايلا يۈز بېرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق ئۇلاردىكى يېڭى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كېسەللىنىپ ئۆلۈش نىسبىتى 37.7% ~ 13.8% كە يېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق كۆپىنچە قاتتىق سوغۇق پەسىللەردە يۈز بېرىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە كېسەللىنىدۇ. دەسلەپكى ئىپادىلىرى ئىنكاسى تۆۋەن بولۇش، يىغلىماسلىق ياكى يىغا ئاۋازى ئاجىز بولۇش، ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى ھەرىكىتى ئاز بولۇش، ئېمىشى قىيىنلىشىش قاتارلىقلار، ئېغىر بولغاندا بولسا تېرە سۇلۇق ئىششىش، قېتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسى پارقىراش، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، تۇتۇق قىزىل رەڭدە بولۇپ، باسقاندا يەڭگىل دەرىجىدە ئولتۇرۇشۇش كۆرۈلىدۇ. دائىم ئاۋۋال پاچاق ۋە يوتىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بارا - بارا ئېغىرلاپ پۈتۈن پۇت، كاسا، يۈز، قولغا تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. كېسەللەنگۈچى بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، دائىم 35℃ قا چۈشۈپ قالىدۇ. ئېغىر بولغاندا 30℃ قىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە قان بېسىمى تۆۋەنلەش، يۈرەك ئاۋازى تۆۋەنلەش، شوك، نەپەس قىيىنلىشىش، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش ئىپادىلىنىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرـ تىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki