UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالا نېمە ئىچىدۇ؟

ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالا نېمە ئىچىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىز دەۋاتقان ئەمچەكتىن ئايرىش بولسا، ئانا سۈتىدىن ئايرىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ بارلىق سۈتلۈك نەرسىدىن ئايرىشنى كۆرسەتمەيدۇ. بالىغا كالا سۈتى ئىچكۈزۈش بىزنىڭ دائىم تەشەببۇس قىلىدىغان ئىشىمىز شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز. كالا سۈتىدىن ياسالغان نەرسىلەر بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنى قوزغىمايدۇ، كالا سۈتى بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىنكى ئەڭ زۆرۈر بولغان يېمەكلىك، ئۇ ياخشى ھەزىم قىلىنىپلا قالماستىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، بالنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى بالىلار بېلىق گۆشى قاتارلىق ئاقسىللىق ماددىلارنى كۆپ يېمەيدۇ، شۇڭا كالا سۈتى بالىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇقى. ئەمچەكتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى بالىغا كالا سۈتى ئىچىشنى ئادەتلەندۈرۈش، ھەتتا كۈنىگە ئىككى - ئۈچ ئىستاكان (تەخمىنەن 500 مىللىلىتىر) ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەگەر بىر ياشقا كىرمىگەن بالىلارنى ئەمچەكتىن ئايرىشقا توغرا كەلسە، بالىغا سۈت پاراشوكلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك، بىر ياشتىن ئاشقان بالىلار بولسا ئانا سۈتىنى بارغانسېرى ئازلىتىپ، كالا سۈتىنىڭ مىقدارىنى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدا ئاشۇرۇش كېرەك. بىراق ھەر كۈندىكى ئومۇمىي مىقدارى ئاساسەن ئۆزگەرمەسلىكى (بىر - ئىككى ياشلىق بالىلار ھەر كۈنى 600 كىلوكالورىيە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ) كېرەك. كۈندۈزى بالىغا كالا سۈتى بەرگەندىن سىرت، 1:1 نىسبەتتىكى يېڭى مېۋە شەربىتى ۋە ساپ قايناق سۇ بېرىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالا نېمە ئىچىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki