نېمە ئۈچۈن مىڭپېلەك تېشى ئالاھىدە قىممەت؟
نېمە ئۈچۈن
چاڭخۇانىڭ مىڭپېلەك تېشى، شۇشەن تېغىنىڭ تيەنخۇاڭ تېشى ۋە چىڭتيەننىڭ ئاگالماتولىت تېشى دۆلىتىمىزدە ئۈچ چوڭ كارامەت تاش دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئاجايىپ گۈزەل قىياپەت بىلەن خەلق ئىچىدە يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.
مىڭپېلەك تېشى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭخۇا ناھىيىسىدىن چىقىدۇ، رودىلارنى تۈرگە ئايرىش جەھەتتە پىروفىللىت دائىرىسىگە كىرىدۇ. 100 نەچچە مىليون يىللار بۇرۇن، ۋولقان ئېتىلىپ چىققاندا ۋولقاننىڭ بىر قىسىم قېتىشما ماگمىلىرى سۇ ۋە گازنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، مايلىق پىروفېللىتقا ئۆزگەرگەن. يەنە بىر قانچە ئون مىليون يىللىق يەر پوستى ئۆزگىرىشى، تاغ جىنىسلىرىنىڭ پۈرلىشىشى ۋە يېرىلىشى قاتارلىق بىئولوگىيىلىك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەر ئاستىدىكى بىر قىسمى سىماب سۇلفىد رودا سۇيۇقلۇقىنى ھاسىل قىلىپ، پىروفىلىتلارنىڭ يېرىق - كاۋاك يەرلىرىگە سىڭىپ كىرگەن ۋە ئۇنى تولدۇرۇپ قاتۇرغان. سىماب سۇلفىد قىزىل بولغاچقا، نەتىجىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل رەڭدىكى كان مەھسۇلاتىنى ھاسىل قىلغان. بۇ بىر خىل نەپىس، پارقىراق، يېرىم سۈزۈك ماددىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىل رەڭدىكى سىمان سۇلفىد باشقا جىنىسلارغا سىڭىپ كىرگەن. بۇ چاغدا دورا ئۈستىدىكى قىزىللىق خۇددى تامچە - تامچە توخۇ قېنىنى قاشتېشى ئۈستىگە چېچىۋەتكەندەك، رەڭگى قىپقىزىل جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ چىرايلىق بىر خىل تاش ھاسىل بولغان، بۇنىڭغا مىڭپېلەك تېشى دەپ نام قويۇلغان.
نېمە ئۈچۈن مىڭپېلەك تېشى شۇنچە ئەتىۋارلىق؟ بىلىش كېرەككى، بۇ خىل تاش بىرقانچە ئون مىليون يىللىق گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش داۋامىدا، بىر قىسىم سىماب سۇلفىد رودا سۇيۇقلۇقىنىڭ يات جىنىستىكى رودىلارغا سىڭىپ كىرىپ ئورۇنلىشىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان. بۇنداق پۇرسەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاڭخۇا ناھىيىسىدىكى مىڭپېلەك تېشى كېنى قەدىمدىن تارتىپ قېزىلىپ، كولىنىپ كەلگەچكە، كان مەنبەسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇقىدىلىپ، تۈگەپ كېتەي دەپ قالغاچقا ئۇ بىباھا گۆھەرگە ئايلانغان، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، <نېمە ئاز بولسا شۇ ئەتىۋارلىق>. مىڭپېلەك تېشىنىڭ ئەتىۋار بولۇشى دېمىسىمۇڭ ئۆز - ئۆزىدىن چۈشىنىشلىك.