UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق قايسى ۋاقىتتا سۇ تولۇقلاشقا موھتاج؟

بوۋاق قايسى ۋاقىتتا سۇ تولۇقلاشقا موھتاج؟

نېمە ئۈچۈن ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بېقىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، بوۋاق تۇغۇلۇپ تۆت ئاي ئىچىدە ئادەتتە ئانا سۈتىدىن سىرت سۇيۇقلۇق تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. زۆرۈر بولغاندا ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا ئازراق ئىلمان قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ قويسا بولىدۇ. تۆت ئايلىقتىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يەنى مېۋە شەربىتى، كۆكتات شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماس ھالدا سۇ مىقدارى تولۇقلىنىپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن يەنە كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن سۈنئىي بېقىلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئەكسىچە دائىم سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك. بۇ كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلىقتىن، ئارتۇقچە مىنېرال ماددىلار ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى بوۋاق سۈمۈرەلمەي بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، ئەگەر يېتەرلىك سۇ بولمىسا ئەكسىچە بەدەن ئىچىدىكى ئارتۇقچە مىنېرال ماددىلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سۈنئىي بېقىلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سۈت تازىلىغۇچتىن سىرت يەنە يېتەرلىك سۇ بېرىش، ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولسا بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسىمۇ ۋاقتىدا يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە