نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان شامالغا قارشى ئۇچىدۇ ھەم قونىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئايروپىلان قونغاندا دائىم شامالغا قارشى يۆنىلىشنى تاللايدۇ، بۇنداقتا شامالنىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلاتقىلى، بۇ ئارقىلىق قونغاندىكى مېڭىش ئارىلىقىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. ئەمما ئايروپىلان ئۇچقاندىمۇ شامالغا قارشى ئاساسلىق يولنى تاللاپ ئۇچىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئايروپىلان ئۇچقاندا قانىتىدىن پەيدا بولغان كۆتۈرۈلۈش كۈچى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىق كۈچىدىن چوڭ بولغاندا، ئاندىن ئۇ يەر يۈزىدىن ئايرىلالايدۇ. ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئۈستىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى قانچە چوڭ بولسا كۆتۈرۈلۈش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شامال يوق ئەھۋالدا، بۇ ھاۋا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى ئايروپىلاننىڭ ماڭغان سۈرئىتىگە تەڭ بولىدۇ. ئەگەر شامال بار بولۇپ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ يۈزىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتىدىن ئېقىپ ئۆتسە، ئايروپىلاننىڭ ماڭغان سۈرئىتىگە شامال سۈرئىتى قوشۇلغانغا باراۋەر بولىدۇ. شۇڭا، ئايروپىلان شامالغا قارشى ئۇچقاندا پەيدا بولىدىغان كۆتۈرۈلۈش كۈچى چوڭراق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئايروپىلاننىڭ مېڭىش ئارىلىقىنىمۇ قىسقارتقىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئايروپىلان شامالغا قارشى ئۇچسا، قونسا بىخەتەررەك بولىدۇ. ئايروپىلاننىڭ ئۇچقان ۋە قونغاندىكى سۈرئىتى ئاستىراق، تازا مۇقىم بولمىغانلىقتىن، ئەگەر ياندىن كۈچلۈك شامالغا ئۇچرىسا ئاسانلا قىڭغىيىپ، ۋەقە كۆرۈلىدۇ.
مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر يىلدا شامال ئەڭ كۆپ چىقىدىغان يۆنىلىشنى ئايروپورتنىڭ ئاساسلىق يولىنىڭ يۆنىلىشى قىلىپ تاللىغان. ئەلۋەتتە، ئايروپىلان سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە مۇقىملىق ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇشنىڭ شامال يۆنىلىشىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ يۇقىرى بولمايدۇ.