يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار<ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ،غەم - ئەندىشىسىز ئۇخلامدۇ؟>
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بوۋاق راھەت ئۇخلايدۇ دەپ قاراپ ئالدىن ياستۇق تەييارلاپ قويىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق قىلىش مۇۋاپىقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئىلمىيلىك ئەمەس. نورمال ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇخلىغاندا ياستۇق لازىم قىلمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئومۇرتقىسى تۈز بولۇپ، تەكشى ياتقاندا دۈمبە بىلەن ئارقا مېڭە بىر تەكشىلىككە چۈشۈپ، ئوڭدىسىغا ياتقاندا مۇسكۇل تۈرۈلۈۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. شۇنداقلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسمى چوڭراق بولۇپ، خۇددى مۈرىسى بىلەن ئوخشاش تەڭلىكتە تۇرىدۇ، ياننى بېسىپ ياتقاندا ئىنتايىن راھەت بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر باش قىسمى ئېگىزرەك بولۇپ قالسا، ئاسانلا باش - بويۇن قىسمى ئەگرىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىشىگە ۋە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ياستۇق قويۇپ بەرمەسلىك، بوۋاق ئۈچ ~ تۆت ئايلىق بولغاندا ئاندىن ئۇنىڭغا ياستۇق قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىش كېرەك.