UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ تەرەپلىملىك بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرماسلىق. كۆپىنچىسى سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يولى مۇكەممەل يېتىلمىگەن، ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسى يۇمشاق، ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازراق، شۇڭا ئوزۇقلاندۇرۇش جەريانىدا سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇش قەرەللىك بولمىغاچقا ھەر قېتىملىق بېرىلىدىغان سۈت مىقدارى كۆپرەك ياكى ئازراق، سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق ياكى تۆۋەنرەك بولۇپ قېلىش، كراخمال بولغان يېمەكلىكلەرنى بەك بالدۇر ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈچەي ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. يۇقۇملىنىش ئامىلى. ئۈچەي يولى ئىچكى يۇقۇملىنىش ۋە ئۈچەي يولى سىرتىدىكى يۇقۇملىنىشقا بۆلۈنىدۇ. ئۈچەي يولى ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشتا باكتېرىيە ۋە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىقى سۈت ئېمىتكەندە ئانا قولىنى پاكىز يۇماسلىق، ئەمچەك توپچىسى ياكى ئىچ كىيىمى پاكىز بولماسلىق ياكى سۈنئىي بېقىلغان بوۋاقلارغا ئىشلەتكەن سۈت ئىچكۈزىدىغان ئەسۋابلار پاكىز بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ئائىلىدىكلەر زۇكام بولۇپ قالغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ۋىرۇس يۇقۇپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچەي يولى سىرتىدىكى يۇقۇملىنىش يېڭى تۇغۇلۇپ، بوۋاقلار ئۆپكە ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، تېرىدىكى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا قىزىش ھەم كېسەل قوزغاتقۇچى توكسىننىڭ رولىدىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. 3. باشقا ئامىللار مەسىلەن: ھاۋا تۇيۇقسىز سوۋۇش، قورساقتىن سوغۇق ئۆتۈپ ئۈچەي ھەرىكىتى ئارتىش قاتارلىقلار. ئايرىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كالا سۈتى ياكى بەزىبىر يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولىدۇ ياكى كۆتۈرەلمەيدۇ (مەسىلەن: لاكتازا كەملىك كېسىلى)، يېگۈزگەندىن كېيىن ئىچ سۈرۈش كۆرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki