UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىدا دائىم تىپىك بولغان نەپەس يولى كېسەللىك ئالامىتى كەمچىل. پەقەت روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستىلاش، [HJ35x] يىغا ئاۋازى جانسىز، سۈتتىن قېقىلىش، سۈت ئېمىشى قىيىنلىشىش ھەم ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك يېنىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلار، بەدىنى ساغلام بوۋاقلاردا قىزىش بولىدۇ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار، ئاجىز بوۋاقلاردا دائىم بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىمەسلىك كۆرۈلىدۇ. بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بۇرۇن تۈۋى ۋە بۇرۇن ئۇچى ئاقىرىش، بۇرۇن لىپىلدىقى سىلكىنىش، نەپەس تېز، تەرتىپسىز بولۇش، باش لىڭىشتىپ نەپەسلىنىش، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئىپادىلەر بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزگىرىشى تېز، ئاسانلا نەپەس زەئىپلىشىش، يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىشتىن ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئۆپكىدىن ھۆل خىرىپ ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ ياكى بەدەن بەلگىلىرى ئېنىق بولمايدۇ. ئۆپكىنى X نۇرىدا تەكشۈرگەندە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ داغ پارچىلىرىدەك سايىلىك ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى تىپىك بولمىغانلىقتىن، كېسەلنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئوڭايلا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئانا چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىكى ئۆزگىرىشىنى ئەستايىدىل كۆزىتىش، ئەگەر غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە