UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمېڭە تۇبېركۇلوز پەردە ياللۇغى كېسىلى بىلەن ساقىيىۋاتقان بىمارلاردىن قانداق خەۋەر ئېلىش كېرەك؟

مېڭە تۇبېركۇلوز پەردە ياللۇغى كېسىلى بىلەن ساقىيىۋاتقان بىمارلاردىن قانداق خەۋەر ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىمارلاردىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە: بىمارنى ئوزۇقلۇق مول، ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئاقسىل يۇقىرى، ۋىتامىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. بالىلارغا كالا سۈتى، توخۇ تۇخۇمى، بېلىق شورپىسى، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بەرسە بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىراق، ئاز - ئازدىن بېرىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بولمىسا، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. 2. دورا ئىچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورا بىلەن داۋالاشنى ئاز دېگەندىمۇ بىر يىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، شۇڭا ئاتا - ئانىلار دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە بالىغا توختىماستىن دورا بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بولمىسا كېسەللىك قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ. 3. دورا ئۆسۈملۈكىنىڭ قوشۇمچە رولىنى كۆزىتىش: نۇرغۇنلىغان مېڭە تۇبېركۇلوزغا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنىڭ جىگەرگە زىيىنى بار، شۇڭا قەرەللىك ھالدا بالىنىڭ جىگىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، سترېپتومىتسىن بولسا قۇلاق ۋە بۆرەككە زىيىنى بار، بالىلاردا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. 4. باشقا جەھەتلەردە: ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ۋە ئاستا - ئاستا سىرتقا چىقىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش ۋە بەدەندە تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قالغان بىمارغا نىسبەتەن، ھەرقايسى فۇنكسىيىلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ، مۇسكۇللارنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە