UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تاختايلىق كارىۋات يۇمشاق كارىۋاتتىن ياخشى؟

نېمە ئۈچۈن تاختايلىق كارىۋات يۇمشاق كارىۋاتتىن ياخشى؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم ھاياتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى كاىۋاتتا ئۆتكۈزىدۇ، يەنى بىر ئادەم 75 ياشقىچە ياشىسا، 25 يىلنى كارىۋاتتا ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا كارىۋاتنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى، راھەتلىك بولۇشى ياكى بولماسلىقى ئادەمنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدە خېلىلا مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. كارىۋات تۈرىگە قاراپ تاختايلىق كارىۋات، سىتكىلىق كارىۋات، يۇمشاق كارىۋات دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا قايسى كارىۋات ئەڭ پايدىلىق؟ ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، يۇمشاق كارىۋات، سىم كارىۋات، سىتكىلىق كارىۋات بەك يۇمشاق، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۆڭۈلدىكىدەك كارىۋات ئەمەس. بۇنداق يۇمشاق كارىۋاتتا ئادەم ئوڭدىسىغا ياتسا، ئومۇرتقىسى يايسىمان بولۇپ قالىدۇ، يېنىچە ياتسا، يېنىغا ئېگىلىپ قالىدۇ، - دە، ئومۇرتقىنىڭ ئەتراپىدىكى پەي ۋە بوغۇملارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئومۇرتقىدا ئاسانلا نامۇۋاپىقلىق كۆرۈلۈپ، ئاغرىيىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلار يۇمشاق كارىۋاتتا ياتسا، سۆڭەكلىرى يېتىلىپ شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېگىلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئۇزاق مۇددەت يۇمشاق كارىۋاتتا ئۇخلىسا، يەنە ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ غەيرىيي ئۆسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئادەملەر ئۇخلاۋاتقان كارىۋاتنىڭ بەك يۇمشاق بولۇپ كەتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. چوڭلار ئۇخلايدىغان كارىۋاتنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىقى ئوڭدىسىغا ياتقاندا ساغرىسى بەك چوڭقۇر پېتىپ كەتمىگۈچىلىك بولسا بولىدۇ. بالىلار ئەڭ ياخشىسى تاختايلىق كارىۋاتقا بىر دانە كۆرپە سېلىپ ئۇخلىسا، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ سۆڭەكلەرنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە