UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيىلەشكە تەسىرى بولامدۇ؟

ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيىلەشكە تەسىرى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۇھەببەت ۋە نىكاھ ھەمىشە ئۆپكە تۇبېركۇلىيوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياش قىز، ئوغۇللارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشى. ئەگەر مۇھەببەت ئوبيېكتى بولسا، بىراق تەن - سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان بولسا، مۇھەببەتلىشىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى قارشى تەرەپكە ئوچۇق سۆزلەپ، پۈتۈن زېھنىنى كېسەل داۋالاشقا قارىتىپ، ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلى ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن توي قىلىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. ئادەتتە بىر - ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېنىق بولماي تۇرۇپ، ئالدىراپ - تېنەپ توي قىلغاندا، كەلگۈسىدىكى ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشتا، پەرزەنت كۆرۈشتە، سۈپەتلىك تۇغۇت ۋە تەربىيىلەش، ئائىلە ئىشلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە داۋالاشقا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلى بايقالسا ھەم قىزىش، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى بايقالسا، كېسەللىك بارغانسېرى ئېغىرلاشسا، چوقۇم ۋاقىتلىق ئايرىم ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىسمانىي كۈچىنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ۋە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. توي قىلىپ بولغان ئاياللار پائالىيەتچان ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ھامىلىدار بولۇشتىن ۋاقىتلىق ساقلىنىش كېرەك. رىفامپىن، سترېپتومىتسىن قاتارلىق دورىلارنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ئېغىر ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىگە ئىزچىل بولغاندا، ھامىلىگە ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، يېتىلىش ناچار بولۇش ياكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇبېركۇلوز باكتېرىيىلىرى قان ئارقىلىق تارقىلىپ، بالا ھەمراھىدا تۇبېركۇلوز مەنبەسىنى پەيدا قىلىدۇ. بالىياتقۇ توپچىلىرى ئارقىلىق ھامىلىگە كىرىپ، ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئادەتتە ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بوشانغاندىن كېيىن ئەگەر ھامىلە بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا، تۇبېركۇلوز باكتېرىيىلىرىنىڭ يېڭى تۇغۇلغانلارنى يۇقۇملاندۇرۇشى ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. ئېغىر ئۆپكە تۇبېركۇلوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدارلار ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتە بولغىچە بالىنى ئالغۇزۇۋېتىشى كېرەك. ئۆپكە تۇبېركۇلوزى بولۇپ قالغان ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن ئېمكانقەدەر سالامەتلىكنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋاقتىدا دورا ئىشلىتىپ، زىيادە چارچاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بوۋاق بىلەن ئېمكانقەدەر ئايرىلىپ تۇرۇشى. ئەڭ ياخشىسى بوۋاقنى باشقا ئادەم بېقىپ، ۋاقتىدا ئەملەش ئوكۇلىنى ئۇرۇپ، تۇبېركۇلوز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە